مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى تىپتىكى يۈرەك قوزغاتقۇچ گۈرۈچتىنمۇ كىچىك بولۇپ، مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بەدەنگە كۆچۈرۈشكە بولىدۇ

2025.04.14 14:31 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر مەكتەپ باشچىلىقىدىكى بىر خەلقئارالىق تەتقىقات كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاقىتلىق يۈرەك قوزغاتقۇچ بىر تال گۈرۈچتىنمۇ كىچىك بولۇپ، ئۇنى مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بەدەنگە كۆچۈرۈشكە بولىدۇ، تۇغما يۈرەك كەمتۈكلۈكى بار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى داۋالاشقا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قۇرۇلمىنىڭ تېخنىكىسى يەنە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى مۇمكىن، بۇ، نېرۋا ۋە سۆڭەكنىڭ ساقىيىشىغا، يارا ئېغىزىنى داۋالاش ۋە ئاغرىقنى توسۇشقا ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ