مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا فىنلاندىيەنىڭ پارلامېنت باشلىقى خالا-ئاخو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىنلاندىيە ئەڭ بالدۇر يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن زۇڭتۇڭ سىتۇب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو ـ فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، كەڭ ئىستىقبالىنى ئورتاق ئاچتى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدە. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشى ھەم ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. فىنلاندىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن پارتىيە، ئادىمىيەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە تەرەپنىڭ ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى فىنلاندىيە پارلامېنتى بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى يۇقىرى قاتلىمى، مەخسۇس كومىتېتلار، ئىككى تەرەپ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە دۆلەت ئىدارە قىلىش، تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە خاسلىققا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بۇ ھەقتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئورتاق ياخشى، مۇقىم قانۇن مۇھىتى يارىتىپ بەرسە بولىدۇ؛ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتسە بولىدۇ.
جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى فىنلاندىيە پارلامېنتى بىلەن دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، قانۇنچىللىقنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
خالا-ئاخو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇلۇغ دۆلەت، پەن-تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. فىنلاندىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش ئاساسىدا، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، دەپ قارايدۇ. فىنلاندىيە پارلامېنتى جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، فىنلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.