4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاۋ يىبو) 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، قاتمۇقات خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس گىرەلىشىپ كەتتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلىشىپ كەتكەنسېرى، جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە بىلەن بىللە تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە، تېخىمۇ مول تەرەققىيات ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلاش كېرەك. جۇڭگو - ئىسپانىيە دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقى ئەنئەنىۋى دوستلۇق، رېئال ئېھتىياج، ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ چىقارغان توغرا تاللاش. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللايدىغان سىياسىي ئاساسنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللىشى، بولۇپمۇ بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگودىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجى ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش يوشۇرۇن كۈچى دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشنى خالايدۇ. ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشتەك دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر بولغان «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رىشتى» «مۈشۈكئېيىق رىشتى»گە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، «باھار بايرىمى شادلىقى» قاتارلىق يېڭى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»لارنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنى جۇڭگو - ئىسپانىيە دوستلۇقىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئوچۇق ھەمكارلىقنى قوللايدىغان ئاكتىپ كۈچ، ئىككى تەرەپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىزچىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپى دەپ قاراپ كەلدى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئېنىق قوللايدىغان ئاساسلىق چوڭ دۆلەت. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇشى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋە بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ياۋروپا خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تاموژنا بېجى ئېلىش ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، دۇنيا بىلەن قارشىلاشسا، ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەققىياتتا باشتىن - ئاخىر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا تاياندى، ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ ئىلتىپاتىغا تايانمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەرقانداق يولسىز بېسىمدىن قورقمىدى. مەيلى تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر، ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قويۇق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش ئېقىمى ۋە خەلقئارا سودا مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشى، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشى، ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپلا قالماي، يەنە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى، خەلقئارا قائىدە ۋە تەرتىپنى قوغدىشى كېرەك.
سانچېز مۇنداق بىلدۈردى: ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، دوستانە ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئىسپانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت ساھەسىدە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئىسپانىيە باشتىن - ئاخىر ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ. ياۋروپا تەرەپ ئوچۇق، ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، يەككە تەرەپلىك ھالدا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشقا قارشى تۇرىدۇ. سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ. مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا سودا تەرتىپىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، نامراتلىق قاتارلىق خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.