دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئەنگلىيە خۇيفېڭ گۇرۇھىنىڭ رەئىسى دۇ جياچى بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە خۇيفېڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگودىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشىغا قوشقان پائال تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ پەقەت بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۈگۈنكى دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولدى، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ئېنىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ. خۇيفېڭ گۇرۇھىنىڭ جۇڭگودا داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇ جياچى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىدەك مۇھىم ئىجابىي ئۇچۇرنى تارقاتتى، خەلقئارا سودا-سانائەتچىلەر ساھەسى بۇنىڭدىن زور ئىلھاملاندى. خۇيفېڭ گۇرۇھى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت پۇختا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.