لى شى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنى سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

2025.04.09 14:52 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى شى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنى سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، بۇ يىللىق كۆزىتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كۆزىتىلىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

لى شى مۇنداق كۆرسەتتى: كۆزىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ ئورنى تېخىمۇ دەل جايىدا بېكىتىلدى، ئۇسۇل-تەدبىرلەر تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، كۆزىتىش خىزمىتى توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىشنى يەنىمۇ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشى، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزىتىش نازارەتچىلىكىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنىڭ چۆچۈتۈش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، تۈرتكىلىك كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئاساسلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى دەل جايىدا ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى شى مۇنداق تەكىتلىدى: 2025-يىلى كۆزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆزىتىلىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەربىر رايوننىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، بەنزە قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ھەمدە كۆزىتىپ تۈزىتىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئېغىشنى كۈچەپ تېپىپ چىقىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق ئىنتىزام ئىستىلى بىلەن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى پۇختا تاماملاش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى تەيفېڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ