مۇھىم خەۋەرلەر

مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتى: ياۋروپا تېمپېراتۇرا ئەڭ تېز ئۆرلەيدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق

2025.04.18 14:22 مەنبە: خەلق تورى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىماتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى كوپېرنىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت ئىدارىسى ۋە دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2024-يىللىق ياۋروپا كىلىمات ئەھۋالى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا تېمپېراتۇرا ئەڭ تېز ئۆرلەيدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ياۋروپاغا بولغان تەسىرى ناھايىتى روشەن ئىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىلى ياۋروپادا خاتىرىلەش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولدى، ياۋروپادىكى يېرىمغا يېقىن رايوننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى، ئوتتۇرا قىسىم، شەرقىي قىسىم ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسىم رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا بىردەك تارىخىي رېكورت يارىتىلدى. ياۋروپانىڭ بارلىق رايونلىرىدىكى مۇزلۇقلاردا ئېرىش كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلى ۋە سىۋالبارد تاقىم ئاراللىرىدىكى مۇزلۇقلاردا خاتىرىلەش باشلانغاندىن بۇيانقى مۇزلۇق سۈپىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى كۆرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ