دىڭ شۆشياڭ شەنشىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاق داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025.04.17 10:55 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ شەنشىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم شىئەندە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاق داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ جېڭتەي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر غەربىي شىمال كەسىپلەر باغچىسى، لۇڭجى لۈنېڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ۋە غەربىي شىمال رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپ سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ھەم زورايتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئادىل، تەرتىپلىك بازار تەرتىپىنى قوغداپ، «ئىچكى خورىتىش شەكلى»دىكى رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقات ۋە كەسىپ ئورتاق تېخنىكىسى جەھەتتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى، شەنشى سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇل تەتقىقاتتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق ۋە مۇھىم پەن-تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى مەنبەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنىڭ مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشى، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. كەسپىي مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، زور بىر تۈركۈم چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەسىپ تاللاپ، تېخىمۇ تېز ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

سەنشىڭ (جۇڭگو) يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىئەن يىغىلىش مەركىزىدە، دىڭ شۆشياڭ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى قانچە كۈچەيگەنسېرى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىمىز شۇنچە چىڭىيىدۇ. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدۇ، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئۆزارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ. شەنشى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىئەن يىغىلىش مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يولنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى تېز بەرپا قىلىشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى تەكشى، مۇقىم بولۇپ، باشلىنىشى ياخشى بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرو سىياسەتنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، تاشقى سودىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى زەربىگە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. شەنشىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شەنشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ