4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانوي رەئىس مەھكىمىسىدە ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى
4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانوي رەئىس مەھكىمىسىدە ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن يېتىپ بارغاندا، لياڭ چياڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈش ئورنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە جەنۇبىي رايون ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى». 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتى «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشقىچە، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە ئۆتۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام تەرەپ بىلەن «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رايون ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ۋيېتنام دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى ئارقىلىق تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى كېمىسىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ئالغا ئىلگىرىلەش رولىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا مۇقىم، ياخشى مېڭىشى كېرەك. خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئىتتىپاقلىق لەڭگىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام تەرەپنىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىنى قوللايدۇ، ۋيېتنام تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىق پالىقىنى مۇقىم تۇتۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» رامكىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيەنى كۆپ نۇقتىدىن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ئەندىزىسىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتە دوستلۇق يەلكىنىنى چىقىرىپ، بۇ يىللىق «جۇڭگو - ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاددىي ھەم گۈزەل خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولى زەربىگە ئۇچرىدى، يەككە تەرەپچىلىك روشەن باش كۆتۈردى، قورۇقچىلىق قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. سودا ئۇرۇشى قىلىپ خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دۇنياۋى ئىقتىساد تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىغا زەربە بەردى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەت ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، زوراۋانلىق سىياسىيسىغا ۋە يەككە تەرەپچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشى كېرەك.
لياڭ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ۋيېتنامدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇپ، باش شۇجى سۇ لىن بىلەن ۋيېتنام - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك دوستلۇق رىشتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، باي - كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. جۇڭگو ۋيېتنامنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇندا، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ، شياڭگاڭ قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدۇ، بارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى؛ ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يۇقىرى پەن - تېخنىكا، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ يارقىن نۇقتىلارنى بەرپا قىلىشنى؛ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى؛ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى؛ ئىختىلاپنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، دېڭىز ئۈستى مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتە، لياڭ چياڭ شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.