مۇھىم خەۋەرلەر

كانادادا ماشىنا ھەيدەپ 11 ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە سادىر قىلغۇچى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

2025.04.29 13:58 مەنبە: خەلق تورى

كانادا ۋانكۇۋېر ساقچىلىرى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ 11 ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

تور سوتىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ 30 ياشلىق ئەر نۆۋەتتە 8 تۈرلۈك 2-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ساقچى تەرەپ كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە تېخىمۇ كۆپ ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، 11 ئادەمنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلارنىڭ بەش ياشتىن 65 ياشقىچە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ يارىسى ئېغىر، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ