شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن 1-سوتتا ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى

2025.04.23 15:30 مەنبە: خەلق تورى

2025-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى باۋجى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار لى پېڭشىنغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى ئىككى يىل توشقاندا قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، جازانى كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ لى پېڭشىننىڭ قايتۇرغۇزۇش ئەنگە ئېلىنغان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى ۋە تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى داۋاملىق تۆلىتىۋېلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ