5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يان تېلېفوننىڭ بۇ ھەققى تۆۋەنلەيدۇ

2025.04.21 14:34 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەتلىك قېرىنداشلىق مېھرى تورى (مەملىكەت نۇسخىسى)نىڭ ئۆلچەملىك ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ، تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن ئاساسىي ئىقتىدار ھەققى ھەر ئايدا بەش يۈەن بولىدۇ، بۇ بىر توپ باشلىقى ۋە ئۈچ نەپەر ئىچىدىكى ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسىي ئەزالار سانىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆلكە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەزالارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايلىق ئىقتىدار ھەققى بىر يۈەن بولىدۇ، ھەر بىر توپ-گۇرۇپپىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 19 ئادەم (توپ باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولىدۇ، توپ-گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئەزالار ئارىسىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۆزئارا ئۈن-سىن تېلېفونى ئۇرسا ھەقسىز بولىدۇ (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ