بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئۇچۇرىنى توپلاش خىزمىتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ

2025.04.21 14:33 مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى «2025-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپكە كىرىش ئۇچۇرىنى مەركەزلىك يىغىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇشقا كىرىشتىكى مۇھىم ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىلگىرىكى يىللار بىلەن ئاساسەن بىردەك بولدى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇشقا كىرىش مۇلازىمەت سۇپىسى ئېچىلىدۇ. 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئۇچۇرى توپلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇشقا كىرىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرىدۇ. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى شەھەر بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ