دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى: خىزمەت ۋاقتى ئۆزگەردى

2025.04.21 14:30 مەنبە: خەلق تورى

2025 -يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان « قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ چوڭ ھېيت-بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گوۋۇيۈەن تارقاتقان ( 2012 ) 37-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقىت دائىرىسى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق دۆلەت قانۇندا بەلگىلىگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدىن ئىبارەت. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 5-كۈنى سائەت 24 كىچە بولغان ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا (ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ھەق ئېلىنىدىغان كۆۋرۈك ۋە تونېلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ نورمال ھەق ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ