شىنجاڭ يەر ئاستى قەدىمىي قەبرە خارابىسى مۇزېيىدا زىيارەت

2025.04.18 14:26 مەنبە: خەلق تورى

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭنىڭ كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىسى مۇزېيىنى زىيارەت قىلىپ، قويۇق تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلدى. بۇ مۇزېي كۇچا شەھىرى دوستلۇق يولىنىڭ يەر ئاستىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ئەسلىي ئورنىغا سېلىنغان. بۇ قەبرە توپى شىنجاڭ رايونىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، خېشى رايونى بىلەن شەكلى پۈتۈنلەي بىردەك بولغان خەن سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى خىشتىن ياسالغان قەبرە بولۇپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە ئىدارە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا ۋېي، جىن، جەنۇبىي ـ شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك پاكىت.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ