4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يېزا رايونلىرىدا ساختا، ناچار يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتەك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ يىپ ئۇچىنى توپلاپ، ئاممىنىڭ يېزا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى، يېزا رايونلىرىدا ساختا، ناچار يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتەك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ يىپ ئۇچىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى، بىخەتەر، خاتىرجەم يېزا يېمەكلىك ئىستېمال مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.
ئامما يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بەش خىل يول ئارقىلىق ئەرز قىلسا ۋە پاش قىلسا بولىدۇ. 12315 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ياكى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق «12315»نى ئىزدەپ تىزىملاتقاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرسا، جىفۇباۋ باش بېتىدىن «1215»نى ئىزدەپ دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئورگان تەرەپ 12315 كىچىك ئەپچىقىنى ئېچىپ، تىزىملاتقاندىن كېيىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تاپشۇرسا بولىدۇ، كومپيۇتېر، يان تېلېفون ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 12315 ئالاقە تورى سۇپىسى ( http : //www.12315.cn/)دا ئەرز قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ، يەنە يان تېلېفون ئەپ دۇكىنىدىن مەملىكەت بويىچە 12315 سۇپىسىنى چۈشۈرۈپ، رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تاپشۇرسا بولىدۇ.