بۈگۈندىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلىدۇ! پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلايدۇ!

2025.04.16 14:59 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئىككى نۆۋەت يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تولۇقلاپ ئەملەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەتتە ياشتىن تۆۋەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى قاپلايدىغان بولۇپ، چۈشۈپ قالغانلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ ئەملەش بىلەن مەركەزلىك تولۇقلاپ ئەملەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، نىشانلىق كىشىلەر توپىدىكى «ئەملەشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق ئەملەش» تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 1-نۆۋەتلىك چۈشۈپ قالغانلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ ئەملەش خىزمىتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇ دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەشنى تاماملىمىغان يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا نۇقتىلىق قارىتىلىدىكەن. 2-نۆۋەتتە 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى مەخسۇس تولۇقلاپ ئەملەش قانات يايدۇرۇلۇپ، 2020-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2025-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغان بارلىق بالىلارنى قاپلايدىكەن، ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، تۇغۇلغان جايى قەيەردە بولۇشىدىن، ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملەش تارىخى بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ