شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۆزگىچە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدا يەنە يېڭى مەھسۇلات قوشۇلدى

2025.04.15 15:01 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، شىنجاڭ ئارال شەھىرى گەنچۈەن بازىرى ئەتراپىدىكى بىپايان چۆللۈكتىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسىدىن ئايروپىلان بىلەن توشۇپ كېلىنگەن ئەلا سۈپەتلىك قارا تاشپاقا ئۇرۇق مەنبەسى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۆلچەملىك مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە، تۈركۈمگە بۆلۈپ 23 ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق كۆلچىكىگە يەتكۈزۈلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۆزگىچە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىغا يەنە يېڭى مەھسۇلات قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«بىز ئاۋىياتسىيە مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق ئۆلكە ھالقىپ ئۇدا 100 مىڭدىن ئارتۇق قارا تاشپاقىنى توشۇدۇق، 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.» شىنجاڭ جىنسې ئارال قارا تاشپاقا بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سەي شۈياڭ مۇخبىرغا كەسپىي جەھەتتىن سۈپەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بىر تۈركۈم قارا تاشپاقىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %97 كە يېتىدۇ، دېدى.

«سۈزۈك ئېرىق قارا تاشپاقا باقمىچىلىقى» «كۆل مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدا بېقىش» تۈرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېجياڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭنىڭ شورلۇق سۇ رايونىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بېقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ