ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، 10-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كىرىپ ئورۇنلىشىشنى تاماملىدى. 13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 27 تارماق (ئورۇن)، ئالىي مەكتەپلەرنى دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلاردا ئىككى يېرىم ئاي خىزمەت قىلىدىكەن، بۇ مەزگىلدە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى، پوچتا خەت ساندۇقى ۋە كۆزىتىش ئىككىلىك كودى تەسىس قىلىنىپ، ئاساسلىقى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان خەت، تېلېفون، ئەرزىيەتلەر قوبۇل قىلىنىدىكەن، مۇھىمى سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئامما ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاس قىلىش ئىكەن. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2025-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولىدىكەن.