رەسمىي تورغا چىقتى! تاۋباۋدىن بۇلارنى سېتىۋالسىمۇ شىنجاڭنىڭ پوچتا ھەققى كۆتۈرۈلىدۇ

2025.04.08 14:49 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، تاۋباۋ تورى چەت، يىراق رايونلاردىكى پوچتا ھەققى كۆتۈرۈلىدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرىنى كېڭەيتىپ، چوڭ ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي يولغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار تاۋباۋدىن تاۋار ئىزدىگەندە، «شىنجاڭنىڭ پوچتا ھەققى كۆتۈرۈلىدۇ» دېگەننى چېكىپ تاللىسا، توردىن سافا، كارىۋات، تەرەت تۇڭى قاتارلىق چوڭ تاۋارلاردىن «پوچتا ھەققى ئالماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىكى %90 تىن ئارتۇق رايون «يەتكۈزۈش بىلەن قۇراشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ توردىن چوڭ تاۋارلارنى سېتىۋېلىش تەسىراتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئىلگىرى، كىرا ھەققى يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىم چوڭ ئائىلە بۇيۇملىرى تاۋارلىرىنىڭ پوچتا ھەققى ھەتتا مالنىڭ باھاسىدىن ئېشىپ كېتىپ، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئىستېمالچى كۆرۈپلا يالتىياتتى. بۇ قېتىم تاۋباۋ تورى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان تۈرلەرنى چوڭ ئائىلە بۇيۇملىرى كەسپىگە كېڭەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ